بەھۇزۇر سۆزلەڭ

پەرقلىق ئالاقە كەچمىشىنى سىناپ بېقىڭ. ھەر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە شەخسىيەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلدى.


Signal غا ئېرىشىش

Image Image

نېمىشقا Signal ئىشلىتىمىز؟

تۆۋەندىكى مەزمۇننى زىيارەت قىلىپ Signal نىڭ نېمە ئۈچۈن ئاددىي، كۈچلۈك ۋە بىخەتەر ئالاقە قورالى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىڭ.

بىخەتەر ھەمبەھىر

ئەڭ ئىلغار ئۇچتىن ئۇچقا شىفىرلاش (ئوچۇق كودلۇق Signal كېلىشىمى قوللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ)، سۆزلىشىشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىز ئوقۇيالمايمىز ياكى چاقىرىشىڭىزنى تىڭشىيالمايمىز، باشقىلارمۇ ئوخشاشلا قىلالمايدۇ. شەخسىيەتنىڭ باشقا تاللاش ھالىتى يوق--بۇ دەل Signal نىڭ ئىشلەش يولى. ھەر بىر ئۇچۇر، ھەر بىر چاقىرىش، ھەر ۋاقىت.

Image

ئازادە سۆزلىشىش

تېكىست، ئۈن ئۇچۇر، سۈرەت، سىن، GIF ۋە ھۆججەتلەرنى ھەقسىز ھەمبەھىرلەيدۇ. Signal تېلېفونىڭىزنىڭ سانلىق مەلۇمات باغلىنىشىنى ئىشلەتكەچكە قىسقا ئۇچۇر ۋە كۆپ ۋاسىتە ئۇچۇر ھەققىنى تېجەيدۇ.

Image

بەھۇزۇر سۆزلەڭ

كىشىلەر مەيلى قوشنا بولسۇن ياكى تاغۇ-دېڭىز ئايرىپ تۇرسۇن، سۈزۈك ئۈنلۈك ۋە سىنلىق چاقىرىشنىڭ ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى يوق.

Image

شەخسىيەت چىراي ئىپادىسى

شىفىرلانغان چىراي ئىپادىسى سۆزلىشىشىڭىزگە خۇشاللىق قوشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىڭىزنىڭ چىراي ئىپادە بوغچىسىنى قۇرۇپ ۋە ھەمبەھىرلىيەلەيسىز.

Image

گۇرۇپپىدا پاراڭلىشىش

گۇرۇپپا سۆھبىتى ئائىلە، دوست، خىزمەتداشلار ئارا ئالاقىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.

Image

ئېلان يوق، ئىزلاش يوق، چاقچاق يوق

Signal دا ئېلان يوق، تور ئىتتىپاقى بازارچىلىرى يوق، گۇمانلىق ئىزلاش يوق. قىممەتلىك پەيتلىرىڭىزنى مۇھىم كىشىلىرىڭىز بىلەن كاشىلىسىز ھەمبەھىرلىنىڭ.

Image

ھەممەيلەنگە ھەقسىز

Signal مۇستەقىل پايدا تاپمايدىغان ئورگان. بىز ھېچقانداق مۇھىم پەن-تېخنىكا شىركىتىگە بېقىنمايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرگىز باشقىلارغا تەۋە بولمايمىز. يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى ياردەم پۇلى ۋە سىزدەكلەرنىڭ ئىئانىسى بىلەن قوللاشقا ئېرىشىدۇ.

‫Signal غا ئىئانە قىلىڭ

Image